قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات
ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات
«ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تۈنجى ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، بۇ ئەسەردە ئىسلام قانۇنىنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلەشكە تەرغىپ قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئىقتىسادشۇناشلىققىمۇ ئىسلام قانۇنىدا ئالاھىدە يەر بىرىلگەنلىكى... قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئىلمى ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ.يازما : دوكتۇر مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد ئەمىن
Source : http://www.islamhouse.com/p/52891
كىتابلار
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا تاپشۇرۇلغان ئامانەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ساغلام يېتەكچى بولالايدىغان ئىسلام تەربىيەسىدىن ئىبارەت، بۇ بۈيۈك يېتەكچى بىلەن تەربىيىلەش كېرەكلىكى، شۇنداق قىلغىنىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە تەۋرەنمەس ئۈل ھازىرلىغان بولىدىغانلىقىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلغان بولىدىغانلىقىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : مۇھەممەد نۇرئبنى ئابدۇلھەپىز سۇۋەيد
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەھمان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/53001
- مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا«مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسەردە ، ئىسلام ئۈممىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىماملارنىڭ ھېچبىرى قەستەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بىر سۈننىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى، ئۇلار ھەر تۈرلۈك شۈبھە ۋە ئىككېلىنىشلەردىن يىراق ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا-خاتاسىنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇ ئىماملارنىڭ بىرىنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت بىر سۆزى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ مەزكۇر ھەدىسنى تەرك قىلىش خۇسۇسىدا جەزمەن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىرەر سەۋەبنى دەلىل ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بۈيۈك ئۆلىمالارغا تىل ئۇزۇتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىدۇ.
يازما : شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.قارلۇقى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/71082
- ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟«ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ!؟» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىمانى چۈشەنچىسىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىگە سېلىشتۇرۇش جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى، ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : شەيخ شەمسى نۇۋەيد ئوسمانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مېركامىلجان قەشقەرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net
Source : http://www.islamhouse.com/p/376481
- ئىز باسار تۆت خەلىپە«ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
يازما : مەھمۇد شاكىر
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/71603
- ئىسلام دىنىنىڭ روھى (تەۋسىيە ئەسەر)«ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي ۋەھيى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىمدىن ئىلمى دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن سىرت ئەقلى ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەيدۇ. دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تۆھمەت ۋە شەك-شۇبھىلەرگە ئىلمى ئۇسۇلدا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/326065